<title>Ar HakLRC歌词 - Zulpiya kurban</title>
[00:00.000] 编曲 : AbduwaliTohti/Carry

[00:01.000] 作词 : Anwar Maglik

[00:02.000] 作曲 : Anwar Maglik/Carry

[00:14.701]ئەر خەق

[00:15.697]‎سۆزى، مۇزىكىسى: ئەنۋەر مەڭلىك

[00:18.409]‎ئاكورتلاشتۇرغۇچى: ئابدۇۋېلى توختى

[00:33.357]‎توي قىلغۇچە ۋاي جېنىم دەپ،

[00:35.619]‎ئېلىۋالىدۇ ئەر خەق.

[00:35.675]‎نەدە ئۇنداق دېدىم مەن دەپ،

[00:40.448]‎يېنىۋالىدۇ ئەر خەق.

[00:53.345]‎سەندىن باشقا يارىم يوق،

[00:56.855]‎سىرت بىلە كارىم يوق دەپ.

[01:03.131]‎ئۇنداق ئىش يوق خوتۇن، ياق دەپ،

[01:05.964]‎تېنىۋالىدۇ ئەر خەق.

[01:34.487]‎خوتۇن خەق ئۆچكە يېغى دەپ،

[01:36.469]‎ۋاي دېسەك ئېرىيدۇ دەپ.

[01:43.621]‎ماقۇل دەپ يۈرۈيدۇ دەپ،

[01:47.130]‎كۆنىۋالىدۇ ئەر خەق.

[01:53.916]‎بىز دېگەننى قىلىپ بېرىپ.

[01:56.822]‎زىبۇ-زىننەت ئېلىپ بېرىپ.

[02:03.414]‎راست خوتۇن ھە دەپ بېرىپ،

[02:06.207]‎سۆيىۋالىدۇ ئەر خەق.

[02:43.818]‎بىردە ئاچچىق، بىردە تاتلىق،

[02:46.857]‎بولۇۋالىدۇ ئەر خەق.

[02:46.915]‎ئاق خوتۇن، ئاپئاق خوتۇن دەپ،

[02:55.530]‎قويۇۋالىدۇ ئەر خەق.

[03:03.447]‎سىز دېگەن دانا خوتۇن دەپ،

[03:05.926]‎گۈل بېغىم رەنا خوتۇن دەپ.

[03:12.929]‎ھە ماقۇل، مانا خوتۇن دەپ،

[03:15.595]‎يۈدىۋالىدۇ ئەر خەق.

[03:15.646]‎ئوينىساق كۆرمەيدۇ دەپ،

[03:51.502]‎ھېچنېمە بىلمەيدۇ دەپ.

[03:52.945]‎ئۆزىچە بىر خام ئەيلەپ،

[03:58.206]‎تۇتۇلۇپ قالىدۇ ئەر خەق.

[04:05.702]‎بىز يوق يەردە پو ئېتىپ،

[04:10.853]‎بىزنى كۆرسە داڭ قېتىپ.

[04:15.557]‎گەپلىرى پىستان چېقىپ،

[04:18.293]‎چېنىپ قالىدۇ ئەر خەق.

[04:46.683]‎ئوينىغاننىڭ دەردىنى،

[04:48.299]‎تاتىپ كېلىدۇ ئەر خەق.

[04:56.271]‎ئاخىرى پۇشايمان يەپ،

[05:00.613]‎قايتىپ كېلىدۇ ئەر خەق.

[05:22.639]‎خاپا بولماڭلار خوتۇن دەپ،

[05:23.901]‎يېنىپ كېلىدۇ ئەر خەق.